ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە 369 ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە «قايتا تەربىيىلىنىش» ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلدى

بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا توقسۇن، پىچان ناھىيىلىرىدىن ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن جەمئىي 369 نەپەر ياش خۇنەن ۋە خى لۇڭجياڭ ئۆلكىلىرىگە قايتا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.

توقسۇن ۋە پىچاندىن كەلگەن 120 نەپەر ياش خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن، گۇيياڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇ ياشلار ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان ئۇ شەھەرلەردە بىر يېرىم يىل بويىچە قايتا تەربىيە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر تەدبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان ياشلارنى قايتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ تەربىيىلەشتەك لايىھىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋە تۇنجى تۈركۈمدە ئىككى يېرىم مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى يولغا سالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەدەپ «ئىختىساسلىق خادىم» تەكلىپ قىلىۋاتقان، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغىماقتا.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر خىل ۋاسىتىسى دەپ قارىماقتا.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاخىرىغىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پەقەت شياڭتەن شەھىرىگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىلا 800 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.