ئىران رەھبىرى غەربنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ غەربنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.02.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەدى نىجات سۆزىدە بېسىم ئاستىدا ھەرگىزمۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە غەرب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئىزچىل تۈردە غەربنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

يەكشەنبە كۈنى ئىرانلىقلار 1979 - يىلى، ھۇمەينى باشچىلىقىدىكى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ غەربپەرەس پەھلەۋى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىران ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان خاتىرە كۈنىدۇر.

يەكشەنبە كۈنى يەنە، يەمەن ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ قورال - ياراق باسقان بىر پاراخوتىنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ يەمەننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.