خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 2008‏-يىلدىن كېيىن خوتەندە قولغا ئالغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏-دېرىكى يوقلۇقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 2008‏ ‏-يىلى 2009‏-يىللىرى سىياسىي سەۋەبلەردىن خوتەندە قولغا ئالغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏-دېرىكى يوقلۇقى ئاشكارىلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن چوڭ بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى «تۇلپار» ناملىق ئۈن-سىن دۇكېنىنىڭ خوجايىنى «بۆلگۈنچىلىك» تەرغىب قىلىنغان ئۆزەك ۋە سىن ئالغۇ پلاستىنكىلىرىنى قانۇنسىز يىغىش ۋە كۆچۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2008‏-يىلى 7 ‏-ئاينىڭ 18 ‏-كۈنى قولغا ئېلىنغان.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قولغا ئېلىنغان مەزكۇر شەخسنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏-دېرىكىنى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەقەللىي خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە قول تېلېفون سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭمۇ، 2009‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 30 ‏-كۈنى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئىز ‏-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن قولغا ئېلىنغان بۇ ياشنىڭ خوتەن گۇجياڭ جەنۇبىي يولىدىكى ۋاكالىتەن قول تېلېفونى ساتىدىغان دۇكېنىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنى دۇكاننىڭ كومپيۇتۇرىدا «قانۇنسىز» قۇرئان ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان.