«جۇڭگو ئىشلار كومىتېتى» ئىككى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە مەمۇرى دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭگو ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى» خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدىن مەھبۇبە ئابلەش ۋە ئابدۇغېنى مەمتىمىننىڭ قاماق جازا مۇددىتى توشقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانۇنغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قاماق جازاسى بۇ يىل 8‏-ئايدا توشقان. «چەتئەلگە دۆلەت مەخپىيەتلىكى يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇغېنى مەمتىمىننىڭ قاماق جازاسى توشۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

بىراق، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق شەپە يوق. ئەگەر ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ھازىر قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس. ئەگەر قويۇپ بېرىلمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، خىتاينىڭ قانداق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىر سىر.

مەھبۇبە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ 2008‏-يىلى 8‏-ئايدا خىتاينىڭ «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ قولغا ئېلىنغان. بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېيىن ئاشكارىلىشىچە، ئۇ« بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئابدۇغېنى مەمتىمىن ژۇرنالىست ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 2002-يىلى 7‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان. كېيىنكى يىلى 6‏-ئايدا قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ «دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە چەتئەلگە يوللاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.