جەنۋە خىتابنامىسى ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئادەمگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن 4 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ماقۇللانغان خىتابنامىنى ئالقىشلىدى.

ئۇ باياناتىدا ' بۇ قېتىمقى خىتابنامە ئىرقىچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان، كەمسىتىلىۋاتقان، ئۆچمەنلىككە ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئادەمگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى' دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرقچىلىققا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۆرۈشىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

'ب د ت خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، بان كىمۇننىڭ باياناتىدىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پىللاي خانىم ' ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا 184 دۆلەت ماقۇللىغان خىتابنامە، دۇنيادا ئىرقچىلىقنىڭ يوقىتىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ھۆججەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقئارانىڭ 2001 ‏ - يىلىدىكى 'دۇربان خىتابنامىسى'غا ۋارسلىق قىلىپ، ئىرقچىلىققا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.