جو بايدىن خىتايدىكى زىيارىتىنى داۋام قىلماقتا

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ خىتايدىكى زىيارىتى داۋام قىلماقتا. جو بايدىننى كۈتۈۋالغان خىتاي مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ياخشىلاشتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋانلىشىشىغا بەزى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «نۆۋەتتە خەلقئارا مالىيە بازىرىدىكى كرىزىس چوڭقۇرلىشىپ بارماقتا، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىياتچان بولۇشىمىز، ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

جو بايدىنمۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جو بايدىننىڭ خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلەر بىلەن تونۇشۇش، خەلق ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بارغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، سۇدان ۋە شىمالىي كورىيىگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك مەسىلىلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى بەزى تەۋسىيىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جو بايدىن بۈگۈنكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ غىزالانغان.

ئۇ 79 يۈەنلىك ھېسابنى تۆلىگەچ ئاشپۇزۇل خوجايىنىغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاشخانىسىنى بىسەرەمجان قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرەخاھلىق ئېيتقان ۋە ئامېرىكىنىڭ قائىدىسى بويىچە 100 يۈەن چاي پۇلى بەرگەن.

جو بايدىننىڭ بۇ ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا خىتايدىكى تور بەتلەردە مۇنازىرە تېمىسى بوپقالغان. خىتاي تورداشلار خىتاي ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشنى ۋە تەكەببۇرلۇقنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتىنىڭ ئىقتىسادچىللىقى ۋە كەمتەرلىكىگە مەدھىيە ئوقۇغان.