ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرناللار موڭغۇلچە نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

موڭغۇلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ژۇرناللارنىڭ موڭغۇلچە نەشرى موڭغۇلىيە بازىرىغا كىرىشكە باشلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.16

بۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئاياللارغا قارىتا چىقىرىلىدىغان ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق ژۇرناللاردىن «دۇنياۋى ئايال» (Cosmopolitan)، ئېكولوگىيىگە ئائىت «دۆلەت جۇغراپىيىسى» (National Geographic) ۋە ئەرلەرگە ئائىت «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە» (PlayBoy) قاتارلىقلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي تېلېۋىزىيە قانىلى-«بلۇمبېرگ» (Bloomberg) موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇپ، موڭغۇلچە ئاڭلىتىش باشلىغان.

ئامېرىكىدىكى بۇ شىركەتلەرنىڭ موڭغۇلىيىگە كىرىشىگە ئاساسلىقى تىزدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان موڭغۇلىيە ئىقتىسادىي ۋە موڭغۇلىيىدىكى شەھەرلىشىش نىسبىتىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى سەۋەب بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.