كابۇلدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى پايتەخت كابۇل شەھەر مەركىزىدىكى بىر قانچە يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم ئۆلگەن. ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 9 نەپىرىنىڭ ھىندىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.02.26

ساقچىلار، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 32 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە پارتلىتىش ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كابۇلدىكى 9 قەۋەتلىك بىر سودا بازىرى ۋە چەتئەللىكلەر چۈشىدىغان ئىككى مېھمانخانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن گۇمانلىق ئىككى كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان بولۇپ، تالىبانلار كابۇلدىكى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە 5 كىشىنىڭ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ھۇجۇمنى "ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر" بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا ئۆلگەن ھىندىستان پۇقرالىرىغا "چوڭقۇر قايغۇ بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ھال سورايدىغانلىقى"نى تەكىتلىدى. كابۇلدىكى ھۇجۇم ش ئا ئو ئە ت قوشۇنى جەنۇبىي ئافغانىستاندىكى ھېلمان ئۆلكىسىدە تالىبان كۈچلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلاپ، جەنۇبىي ھېلمان ئۆلكىسىنىڭ مارجاھ بازىرىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.