جېيسىن كېنىي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يالغان توي قىلىپ، كاناداغا كۆچۈش قىلمىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يالغان توي قىلىپ كانادادا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، خىتايدا ناھايىتى چوڭ سودىغا ئايلانغان. بەزى كىشىلەر پۇلنى دەپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقنامە ئېلىشىغا ياردەم قىلماقتىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يالغاندىن توي قىلىپ، كاناداغا كۆچۈش ھەرىكىتى يۇقىرى چەككە يەتكەن.
كانادا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر. جېيسىن كېنىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ، خىتاي بىلەن كانادا ئارىسىدا ئىمزالانغان كانادانى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ بېكىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، كانادانى ساياھەت قىلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
كانادادا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى 50 مىڭغا يەتكەن. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ساياھەتچىلىرى ۋە كانادادا ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يالغاندىن توي قىلىپ كاناداغا ئولتۇراقلىشىدىغان قانۇنسىز توي سودىسىمۇ جانلانغان.
ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇشقا ھەمكارلاشمىسا، كانادانىڭ بۇنىڭغا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرۇشى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.