بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئاپرېل كۈنى كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا سەيىف ئەل ئەرەب ۋە يەنە كازافىينىڭ ئۈچ نەۋرىسى ئۆلگەن بولۇپ، گەرچە كازافىي ئۇ كۈنى ئۇ جايدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كۈنى كېچىدە كازافىي ئائىلىسى بۇ بىنادا يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن.
لىۋىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇسا ئىبراھىم سەيىف ئەل ئەرەب ۋە كازافىينىڭ ئۈچ نەۋرىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سەيىف ئەل ئەرەب بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيىدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن.