خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلدى
2012.02.02
پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا «رۇسىيە، خەلقئارانىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلماي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك» دېيىلگەن.
رۇسىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيىنى جازالاش قارارىنى قايتا ئاۋازغا قويغان تەقدىردە رۇسىيىنىڭ قارارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. سۈرىيىنى جازالاش ھەققىدىكى قارار 2011-يىلى ئۆكتەبىردە تۇنجى قېتىم ئاۋازغا قويۇلغاندىمۇ رۇسىيىنىڭ رەت قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، رۇسىيە تۇنجى قېتىملىق جازا قارارىنى رەت قىلغان ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان، سۈرىيىدە 2600 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ : «رۇسىيىنىڭ سۈرىيىدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار» دېدى. ھازىرغىچە سۈرىيىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەمئىي سانى 6000 غا يەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا. ھازىر تەرەپلەرنىڭ رۇسىيىنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون تۈنۈگۈن قىلغان سۆزىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيە خەلقى تەرەپتە ياكى زالىم دىكتاتور تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار بېرىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. ئەگەر تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا، كېلەر ھەپتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قارار ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.