خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ماۋ خېڭفېڭنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
2012.11.07
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى روسان رايىف، ماۋ خېڭفېڭنىڭ بىر يېرىم يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ماۋ خېڭفېڭنى جازالىشى لەنەتلەشكە تېگىشلىك قىلمىش. ئۇلار ماۋ خېڭفېڭ پاش قىلغان ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىش ئورنىغا، يەنە بىر قېتىم باستۇرۇشنى تاللىۋالدى، دېگەن.
ماۋ خېڭفېڭ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نام چىقارغان. ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا ئايالىنىڭ بىر يېرىم يىللىق ئەمگەك لاگېرى جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ماۋ خېڭفېڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3-قېتىم قولغا ئېلىنىشىدۇر. ماۋ خېڭفېڭ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغاندا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ماۋ خېڭفېڭنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ماۋ خېڭفېڭنى ۋىجدان مەھبۇسى، دەپ قارايدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال، شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
ماۋ خېڭفېڭنىڭ يولدىشى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئايالىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىدى. ئۇلار جىنايەت ئويدۇرۇپ، پاكىتنى ياساپ چىقىپ، ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان كىشىلەرنى تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگېرىغا تاشلاۋاتىدۇ، دېگەن.