خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن كېمە قازاسى سەۋەبلىك 6 ئادەم قولغا ئېلىندى
2012.10.02
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۈگۈن يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،4-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خوڭكوڭدا ئۇدا ئۈچ كۈن بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، كېمە قازاسىدا ئۆلگۈچىلەرگە ماتەم تۇتۇلىدىغانلىقىنى، بۇ كۈنلەردىكى بارلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8دىن 23 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا خوڭكوڭ ئېلېكتر گۇرۇھى شىركىتىنىڭ كېمىسىدە بايرام كېچىسىدىكى ساليوتنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن چىققان شىركەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 124 نەپەر كىشى، جيۇلوڭ شىركىتىنىڭ كىچىك تىپتىكى كېمىسىدە 10 نەپەر كېمە خادىمى بار بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خوڭكوڭ دائىرىلىرى 630 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمى،51 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەم 10 دانە ئوت ئۆچۈرۈش كېمىسى ئەۋەتىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.