توقۇنۇش جۈمە كۈنىدىن تاكى شەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئەمما، مۇستەقىلچى كەشمىر قوراللىق گۇرۇپپىلىرى كەك كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋەقە ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرىلىنىدىغان جايىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ جاي ئەزەلدىنلا توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. كەشمىرنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈۋالغان جايىدىكى چېگرا نۇقتىلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا دائىم ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى ئالدىدا ئوق چىقارغانلىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ھىندىستان تەرەپ بولسا، پاكىستاننى كەشمىر مۇستەقىلچىلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ھىندىستان تەرەپكە كىرگۈزدى دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كەشمىردە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش پىكىردىكى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى ئىلگىرى بىر قانچە يىللار ئىچىدە كۈچەيتىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلە ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى بېرىپ تاقاشقان.