جون خۇنتىسمان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ، جۇڭنەنخەينىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

خىتايدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دۆلىتىگە قايتىش ئالدىدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى جون خۇنتىستان ۋەزىپىسىنى يېڭى باش ئەلچى گەرېي لۇغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ شاڭخەيدە 6-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بارنېت-ئوكسېنبۇرگ مۇنبىرىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاقساراينىڭ ئەمەس، بەلكى جۇڭنەنخەينىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خۇنتىسمەن، ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن، شىمالىي كورىيە قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە سولانغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن شۆ فېڭ، ليۇ شاۋبو، چېن گۇاڭچىڭ ۋە ئەي ۋېيۋېينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باش ئەلچىلىرىدىن بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئاز كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈتمەسلىكى كېرەكلىكى، چۈنكى «ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە رىقابەت ئېلان قىلغان، خەلق ئاممىسىغا خىزمەت قىلىش نىيىتىدىكى ليۇ شاۋبو، چېن گۇاڭچىڭ ۋە ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنى قوغدايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە، «دىئالوگنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاخباراتنى باستۇرۇش ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ،«مۇناسىۋەتنى قارشى ئېلىنمايدىغان ۋەقەلەردىكى ئىنكاسقا قاراپ داۋاملاشتۇرۇش ياكى توڭلىتىش مەنتىقسىزلىق.

سۆھبەت يىغىنلىرىنى بىكار قىلىش نازاكەتسىزلىك بولغىنىدەك، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشىنى ئالغا سۈرمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ئۆكتىچىلىرى بۇ يىل 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خۇنتىسمەن ئۆكتىچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خۇنتىسمەننىڭ ئالدىنقى كۈنى قىلغان يۇقىرىقى سۆزى ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ خىتاينى ئەڭ كەسكىن سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلىشى بولۇپ قالدى.