نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى خەلقئارا مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
2012.06.26
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى بېرمىدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا، خىتايدىن پاناھلىق تىلەپ، يۈننەن ئۆلكىسىگە كىرگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق بېرمىلىق مۇساپىرنىڭ ئىچىدە، ئۆكتىچى تەرەپكە تەۋە بولغان نەچچە يۈز نەپەر بېرمىلىقنى بېرما ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ھەم خىتاينىڭ خەلقئارا مۇساپىرلىرىغا ئاجراتقان پۇلىنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىچىدە پاناھلىق تىلىگەن خەلقئارا مۇساپىرلار 300 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى شىمالىي كورىيە، بېرما قاتارلىق خىتايغا چېگرىداش دۆلەتلەر پۇقرالىرى ئىكەن. ھالبۇكى، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتايدىن چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ چىققانلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېتىدىكەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار ئۈچۈن ئاجراتقان ياردەم پۇلىنىڭ يىلىغا 250 مىڭ دوللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى ئىقتىسادىي بۇرچىنى ئادا قىلمىدى» دەپ تەنقىدلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلارغا ئاجراتقان ياردەم پۇلى يىلىغا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن.