ھېللارىي كلىنتون لىۋاننى زىيارەت قىلدى

26 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى ھېللارىي كلىنتون لىۋاننى زىيارەت قىلدى. 25 - چىسلادا ھېللارىي خانىم تۇيۇقسىزلا ئىراقنى زىيارەت قىلىپ، باغدادتا ئىراق رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.04.26

ھېللارىي كلىنتوننىڭ بۇ سەپىرى لىۋاننىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامغا ھىزبۇللا پارتىيىسىمۇ قاتنىشىدىكەن، پەرەزلەردىن قارىغاندا، ھىزبۇللا سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلەش بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھېللارىي خانىم يەنە 2005 - يىلى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن سابىق لىۋان باش مىنىستىرى خەلىلىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان. ئۇ لىۋان رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋاننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

لىۋان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە بىلەن لىۋاننىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇپ، ھېللارىي خانىم بۇنداق شەكىلدىكى كېلىشىم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.