كوفى ئاننان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە بېكىتكەن ئەلچىسى كوفى ئاننان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كوفى ئاننان ئىستېپا بېرىشىگە سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھازىرغىچە بۇ مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان.

كوفى ئانناننىڭ ۋەزىپىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي ئاياغلىشىدىكەن. ئەمما ھازىرچە كوفى ئانناننىڭ ئورنىغا كىمنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 3 قېتىملىق ئاۋاز بېرىشنىڭ ھەممىسىدە قارشى ئاۋاز بېرىپ، ب د ت نىڭ بەشەر ئەسەدنى قىرغىنچىلىقتىن توختىتىش ئۈچۈن بىر تەدبىر ئېلىشىغا توسالغۇ بولغان ئىدى. كوفى ئاننان سۆزىدە، ئەگەر بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئازراق ۋاز كېچەلىسە، سۈرىيە خەلقىنى يەنىلا قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، دېگەن.

ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن كوفى ئانناننىڭ ئىستېپا قارارىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.