كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر ھاكىمى ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى

كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرى ئۆز يېزىسىغا تەۋە ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يۈسۈپجان ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ئاتاۋۇللامۇ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. ئاغۇ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى بۇ يېزىدىكى 56 ئائىلىنى 168 مو تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىپ تاشلىغان. بۇ ئائىلىلىكلەرگە دۆلەتتىن بېرىلگەن 9مىليون 200 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە يېزا رەھبەرلىرى ئىگىلىۋالغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى بىر ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، بۇ ئەھۋالىنى بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا شۇنداقلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇم قىلغان ئىدى. ئىككى نەپەر ھاكىمنىڭ مەخسۇس ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىشى، مەزكۇر ئەھۋالنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە ياكى كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۆلەم پۇلىنى ئىگىلىۋېلىشتەك ئۆز قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دائىرىلەر بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئەرزدارلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتسە ئۇلارنى رازى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەرزدارلار، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرزنى كۆپچىلىك ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى، 56 ئائىلىنىڭ زىيىنى تولۇق تۆلەنمەي تۇرۇپ ئەرزىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە يۇرتىغا قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.