لخاسانىڭ قەدىمىي شەھەر مەركىزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان

تىبەت ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى لخاسانىڭ قەدىمىي شەھەر مەركىزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرۇلۇش باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.22


ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش جەمئىي 7 ئاي داۋام قىلىدىكەن.

بۇ جەرياندا ئاساسەن لخاسا شەھىرىنىڭ قەدىمىي رايونلىرىدىن بىرى بولغان باركخور رايونىنىڭ، ئاساسىي مۇئەسسەسىسى، سۇ - توك يوللىرى ۋە ئەۋرەز يولى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، باركخور رايونى 7 - ئەسىردە بەرپا قىلىنغان بولۇپ بۇ رايوندا قەدىمىي تىبەت موناستىرلىرى ۋە قەدىمىي تىبەت مېمارچىلىقى ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان ئىكەن.

تىبەت ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى قەدىمىي شەھەر رايونلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى تارىخى 3 مىڭ يىلدىن ئارتۇقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قەدىمىي قەشقەر رايونلىرىنى «ئۆزگەرتىپ، تۈزەش قۇرۇلۇشى» نامىدا چېقىپ يۆتكەپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي ئىزنالىرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.