ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئىككى نەپەر ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى جۈمە كۈنى خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مەسىلىسى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن جەيمىس مىكگوۋېرن ۋە فرانك ۋولفلار بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

جەيمىس مىكگوۋېرن باياناتىدا: مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئەر ئاياللارنىڭ جەم بولۇشىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ تىنچ ۋە ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن، دېدى.

فرانك ۋولف، تۈرمىدىكى ليۇ شياۋبو ۋە ئۇنىڭ نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىنغان ئايالى «دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ يىل 55 ياشقا كېكىرگەن ليۇ شياۋبو خىتاينى دېموكراتىيىگە چاقىرىدىغان «2008 خىتابنامىسى» نى يېزىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن 2009-يىلى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شامۇ ئۆيىدە نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

ليۇ شياۋبوغا 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن.