لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى شەنبە كۈنى جەنۇبىي لىۋىيىدە كازافىينىڭ قىسىملىرىغا قايتا ھۇجۇم باشلىدى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.06
2011.08.06
نۆۋەتتە، قوزغىلاڭچى ئارمىيە لىۋىيىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى، كازافىي قىسىملىرى غەربىدىكى رايونلارنى كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، غەربىي قىسىملاردا ئىلگىرىلەش ياساش قوزغىلاڭچى ئارمىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قوزغىلاڭچى ئارمىيە كوماندىرى جۈمە ئىبراھىم نۆۋەتتە قوزغىلاڭچى قىسىمنىڭ شەنبە كۈندىكى ھۇجۇم نىشانى بولغان بىر غەنەم شەھىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، ئالدىدىكى شەھەرلەرنى بىر بىر لەرپ ئىگىلەپ، ئاخىرى ترىپولىغا كىرىش غايىسىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 15-فېۋرالدىن بۇيان لىۋىيىدە خەلق قوزغىلىپ، كازافىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى.