كازافىينىڭ ترىپولىندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى سىرتەدە مۇداپىئە تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۈگۈن ئۇنىڭغا ئەسلى بېرىلگەن تەسلىم بولۇش مۆھلىتى توشقان بولسىمۇ، لىۋىيە ئۆتكۈچى ھۆكۈمەت مىللىي كېڭىشى كازافىينىڭ تەسلىم بولۇش مۆھلىتىنى يەنە ئۇزارتقان ئىدى.
بۇ كازفىيغا بېرىلگەن تەسلىم بولۇش مۆھلىتى 10-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىلغان.
قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى ئابدەل ھەزىف غوجا قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئىلگىرىلەشتىن توختىمىغانلىقىنى، كازافىينىڭ ئانا يۇرتى سىرتەگە 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋادى ھاۋاراھ يېزىسىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سىرتەدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى قوزغىلاڭچى ئارمىيىدىن سىرتەگە ئەلچى ئەۋەتىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
كازافىينىڭ سىرتەگە چېكىنگەنلىكى ۋە شۇ يەردە ساداقەتمەنلىرىنى قوزغىلاڭچى ئارمىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.