شۇنداقلا بۇ باش ماقالىدە، ئامېرىكا تېخىچە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خاتا جايدا خاتا تۇتۇلغان، خاتالىقنىڭ قۇربانى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىش مەجبۇرىيىتى بار، دېگەن جۈملىلەر قېنىق بۇياق بېرىپ گەۋدىلەندۈرۈلدى.
بۇ باش ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېرال سوتچىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا زېمىنىدا قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا زىمىنىگە قويۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بىر قارار ئېلىنغان ئىدى.
ئەمما بىر قىسىم قانۇنچىلار ھېلىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا زېمىنىدا قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان دەخل-تەرىزسىز ھوقۇقى بار دەپ قاراپ كەلمەكتە.