خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى «جىنايەتچى» دەپ كۆرسەتتى
2012.12.07
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مو يېن شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ليۇ شياۋبو ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ، مۇخبىرلاردىن ليۇ شياۋبو ھەققىدە سوئال سوراپ، ئۆزىنى بۇ مەسىلىدە قىستىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
مو يېننىڭ پوزىتسىيىسى چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ۋە ليۇ شياۋبونىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مو يەنگە يول-يورۇق بېرىپ، ليۇ شاۋبونى تىلغا ئالماسلىقنى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي بۇنىڭغا جاۋابەن سۆز قىلىپ: مەن شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتمەكچى، ليۇ شياۋبو قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان شەخس، دېگەن.
بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. خوڭ لېي ئەسكەرتىپ: سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. لېكىن مەن بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەكچى، ۋەتەنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قانۇنغا ئاساسەن قوغدىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ليۇ شيا، پەيشەنبە كۈنى 26 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئائىلە نەزەربەندىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى «تۇتامسىزلىق» دەپ تەنقىد قىلغان.