خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەدەنىيەت ۋە ئۈن-سىن بازىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان
2010.12.03
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىگە، ئاقچى ناھىيىسىدە 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىدە 100 گە يېقىن ئادەم دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قىسىمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىمى جەرىمانە تۆلەپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 20 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغان.
بۇنىڭدىن سىرت ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئۈن-سىن ۋە نەشرىيات بازىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە نۇرغۇن كىتاب ۋە v c d ئۆزۈكى مۇسادىرە قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، غۇلجىدا كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر تىلىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق v c d ئۆزۈكى مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق ئامانلىق قوغداش ئەترىتى 3 ئۇيغۇرنى چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ساقلىغان ۋە كۆچۈرگەن، دېگەن سەۋەب بىلەن ئەيىبلەنگەن. 4 كىشى قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى ساقلاش ۋە كۆچۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
دىلشات رىشىت، قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئاچىدىغان بىر قىسىم كىتاپخانىلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، يەركەنت ناھىيىسىدە بىر باسمىخانىنىڭ پىچەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ج خ دائىرىلەر يەنە باسمىخانا، كىتابخانا ۋە ئۈن-سىن دۇكىنى قاتارلىق مەدەنىيەت سودا ساھەسىدىن قانداق ئەسەرلەرنى بازارغا سېلىش، قانداق ئەسەرلەرنى بازارغا سالماسلىق ھەققىدە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان. دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، "بۇ قىلمىشلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىش ۋە ياخشىلاش جەھەتتىكى ۋەدىلىرىدە ھېچقانداق سەمىمىيەتلىك يوقلىقى نامايەن بولماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.