ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا مەجبۇرلانماقچى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش " مۇقىملىقنى قوغداش" نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.12.24

بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا يەر ئالغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قارار چىقىرىپ، 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر كۈنى ئەتىگەندە دۆلەت گېمىنى ئوقۇپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئەگەر ھاۋا كىلىماتى يار بەرمەي، سىرتتا بايراق چىقىرىشقا پۇرسەت بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىنىپلاردا دۆلەت گېمىنى ئوقۇپ، تامدا ئېسىقلىق تۇرغان قىزىل بايراققا قاراپ ھۆرمەتتە تۇرۇش بەلگىلەنگەن.

مائارىپ نازارىتى يەنە، 50 پارچە "ۋەتەنپەرۋەرلىك" مەزمۇن قىلىنغان ناخشىنى تاللاپ س د پلاستىنكىسى ئىشلەپ تارقاتقان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەكتەپلەردە "قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش ھەرىكىتى" ۋە ئايدا ئەڭ ئاز ئىككى قېتىم "قىزىل كىنولارنى كۆرۈش ھەرىكىتى" ئېلىپ بېرىلىشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر مەۋسۈمدە ئەڭ ئاز دېگەندە بىر پارچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېما قىلىنغان كىتابتىن بىرنى ئوقۇشى، بىر پارچە ماقالە يېزىشى كېرەك ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە، ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش مەۋسۈمى جەريانىدا بىر قېتىم "ۋەتەننى مەدھىيىلەش، جوڭگۇ كومپارتىيىسىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەش" نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ نازارىتى مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى باھالايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سىياسىي ئەسەبىيلىك دەپ باھا بەرمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆسمۈر - بالىلارنى ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيىلەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەردە ھەرگىزمۇ مەۋجۇت بولمىغان ۋە كىشىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ زېھنىنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.