ئۇيغۇر مەشرىپى ب د ت 'جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى' تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئۇيغۇر مەشرىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ن پ ر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نايروبىدا ئېچىلغان ب د ت پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 15 - نويابىر كۈنى تەستىقلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇزىكا ۋە ئۇسۇللۇق يىغىلىشى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ب د ت غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى فرانك پروسچەيننىڭ ن پ ر غا بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن مىللىي مەدەنىيەتلەر ئادەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان، ئەمما جىددىي قوغدىلىشقا تېگىشلىك بولغان مىللىي مەدەنىيەتلەر بولۇپ، بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەتلەر ھەممىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە ۋە قوغدىشىغا ئېرىشىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4 تۈر بويىچە بۇ كومىتېتقا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەشرىپىدىن باشقا "جۇڭگو سۇ ئۆتمەس ئايروپىلان بۆلمىسى ياساش تېخنىكىسى" ۋە "مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى" قاتارلىق 3 تۈر ب د ت نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن.

ن پ ر مۇخبىرى كومىتېت مەسئۇل خادىمى فرانك پروسچەيتتىن، "مەنچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى كۆرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدىغۇ، قانداق بولۇپ ئۇنى يەنە قوغداشقا ئىلتىماس قىلىدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن، سىز بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز" دەپ سورىغان.

فرانك پروسچەيت بۇنىڭغا جاۋابەن: "بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتىقاندا، بۇ قەدىمىي ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرگە يوشۇرۇنغان بىر خىل خاسىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى ھۆكۈمەتلەر بىزنىڭ كومىتېتىمىزغا ئىلتىماس يوللاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مىللىي مەدەنىيەتلەرنى يېتەرلىك قوغدىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى" تىزىملىكىگە بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئېلىنغان ئىدى. مەشرەپ بۇ تىزىملىككە كىرگەن ئىككىنچى ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.