قىرغىزىستاندا ئۆزبېك-قىرغىز مىللىي توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 17 ئادەمگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال-ئاباد ئوبالستلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2010.11.24

بۇ يىل 6-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال- ئاباد  ئوبالستلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا رەسمىي مەلۇماتلاردا 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ  ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. قىرغىزىستان سوت دائىرىلىرى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى سوتلىغان بولۇپ، 23-نويابىر كۈنى جالال ئاباد ئوبلاستىنىڭ سۇزاق ناھىيىسىدىكى سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، 17 كىشىنى 12-13-ئىيۇن كۈنلىرى 16 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى مۇددقەتسىز قاماق جازاسىغا، ئىككى ئادەمنى 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر 12-13-ئىيۇن كۈنلىرى سۇزاق ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسى ئوش-بىشكەك تاش يولىنى قامال قىلىپ، ماشىنىلارنى توسقاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن.

 پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يول توسقانلار ماشىنىلاردىكى ئادەملەرگە ئوق چىقارغان ۋە 9 ماشىنىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جالال ئابادنىڭ سۇزاق ناھىيىسىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاھالە ئۆزبېكلەر بولۇپ، يول توسقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكلەر ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە سوتلانغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق ئەمەس دەيىلگەن. بىراق پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 16 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ ھەممىسى قىرغىز، ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكلەردۇر. يەرلىك پۇقرالار بۇ دېلودا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق بارلىقىنى ئېيتىشقان.

ئوشتىكى توقۇنۇشتا ئاساسلىق ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېكنىڭ قوشنا ئۆزبېكىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.