موڭغۇلىيە نامايىشچىلىرى پارلامېنىتنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

دۈشەنبە كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردا 10 مىڭغا يېقىن ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، موڭغۇلىيە پارلامېنتىنى تارقىتىۋىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.05

نامايىش ئاساسەن تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىشچىلار كۆپىنچىسى موڭغۇلىيىنىڭ قىشلاقلىرى ۋە نامراتلار رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنى بايلىقنى ئورتاق تارقاتماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ۋە موڭغۇلىيە دېموكراتىك پارتىيىسى موڭغۇلىيىدىكى چىرىكلىككە ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە موڭغۇلىيىدىكى بايلىقنى تەڭ تەقسىم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، نامايىشچى ئۇياڭا گانتومور، نۆۋەتتە ھەر ئىككىلا پارتىيىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرماي موڭغۇل خەلقىنى ئالدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ يەنە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغان يۈزى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە 72 سائەت ئىچىدە جاۋاب بەرمىسە، نامايىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئىككىنچى باسقۇچنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان.

موڭغولىيىدە 2008 - يىلىمۇ سايلام نەتىجىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشتا 5 ئادەم ئۆلگەن ۋە 200 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.