پرېزىدېنت ئوباما ھېيگىل بىلەن برېنەننى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دۈشەنبە كۈنى سابىق جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك ھېيگىل بىلەن بىلەن ئاق ساراينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باش مەسلىھەتچىسى جون برېنەننى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-01-07
Share

ھەر ئىككى نامزات ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. كۆزەتكۈچىلەر، ھەر ئىككى نامزاتنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بەزى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى چاك ھېيگىلنى«ئىسرائىلىيىگە دوستانە ئەمەس» دەپ تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئىران مەسىلىسىدە بەك يۇمشاق قول ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چاك ھېيگىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

برېنەن بولسا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۇتقۇنلارنى قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سوراق قىلىش مەسىلىسىدە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ جىددىي سوئاللىرىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ ئالىي قىممەت قارىشىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما يېقىندا جون كەرىينى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ ئورنىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى. پرېزىدېنت 2‏-قېتىملىق ۋەزىپىگە 20-يانۋار ئولتۇرىدۇ. ئۇ 2‏-قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك يادروسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت