مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' سەۋەبىدىن ۋالتېير سۆز ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.28
2010.05.28
بۇ مۇكاپات مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىنىڭ 2009 - يىلى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەي د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى فېستىۋالدا قويۇپ، سۆز ئەركىنلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن.
مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى فېستىۋالدا قويغاندىن كېيىن، خىتاي فېستىۋالنى بايقۇت قىلىپ، خىتاي فىلىملىرىنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرمىغان. بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيىدە زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خېلى كۈنلەرگىچە ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۈنتەرتىپتىن چۈشمىگەن ئىدى.
"ئازات ۋىكتورىيە" تەشكىلاتى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ھەر يىلى سۆز ئەركىنلىكىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخس ۋە ئورگانلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، فىلىم فېستىۋالىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىلقى مۇكاپاتنىڭ ئۇلارغا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋولتېير مۇكاپاتىنىڭ مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنى، "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىدىكى تېللورد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "تاغ فىلىم فېستىۋالى"غا قاتناشتۇرۇلدى.