' مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' بۇ يىل 1 - سېنتەبىر يېڭى زېللاندىيىدە كۆرسىتىلىدىكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.03
2009.08.03
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېڭى زېللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتچىسى، بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي ئەلچىسىنىڭ سەمىگە سېلىنىدىغانلىقىنى، ئېتىراز بىلدۈرۈش - بىلدۈرمەسلىك قارارىنىڭ باش ئەلچى تەرىپىدىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل 1 - سېنتەبىر يېڭى زېللاندىيە مائورى تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلىدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان يېڭى زېللاندىيە - خىتاي بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى جىم خې، بۇ فىلىمنىڭ كۆرسىتىلىشى كىشىلەر ئارىسىدا يېڭى زېللاندىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي جامائىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى مېلبۇرن شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىكەن ۋە چارشەنبە كۈنى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مائورى تېلېۋىزىيىسى " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىنى 2000 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان.