ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۈگۈن بىر-بىرىگە خەۋەر قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە پىكرى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىدىكى مەسىلىلەر پاش قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» بۈگۈن كەچ سائەت 6 دە، ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپىنىڭ سىگۇر تىياتىرخانىسىدا تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرىلىدۇ.