يازغۇچى مۇھەممەتجان سادىق ئالەمدىن ئۆتتى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە مائارىپچى مۇھەممەتجان سادىق 25-ئىيۇن غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.25

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەتجان سادىق بۇ يىل 78 ياش بولۇپ، ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەمما قانداق كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

مەرھۇم مۇھەممەتجان سادىق بىر مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ «زۇلپىقار»، «بوز ئەر» قاتارلىق رومانلىرى، «تۇلپارغا مىنگەن چەۋەنداز»، «يۇلغۇن» قاتارلىق داستانلار توپلاملىرى بار.

مۇھەممەتجان سادىق 1934-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە 1954-يىلى سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى بىۋاسىتە قۇرۇشقا قاتناشقان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى مەرھۇمنى مەڭگۈ ياد ئەتكۈسى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.