مۇسۇلمانلار ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى

14 - نويابىر كۈنى كەم دېگەندە ئىككى يېرىم مىليون مۇسۇلمان مەككە شەھىرىدە ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرىپىدىن مىنادىن ئارافاتقىچە بولغان ئارىلىققا ياسالغان تۆمۈر يولغا سېلىنغان پويىز تۇنجى قېتىم توشۇش ئىشىغا كىرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈچۈن بىر مىليارد 800 مىليون دوللار خەجلەنگەن. پويىز ھازىرچە 18 كىلومېتىر ئارىلىقتا قاتنايدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ھەج جەريانىدا ھەر خىل ھۇجۇم ۋە باشقا خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش چارىلىرى بېكىتكەن.

ھازىرچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان ھاجىلار ئىچىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى نامەلۇم ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ يىل قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بىراق كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، پاسپورت كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان يوللار بىلەن ھەج قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.