مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە تەشكىلاتنى قوللىغۇچىلاردىن 20 مىڭ كىشى ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدە قامالغان 32 مۇخبىرنىڭ 19 ئى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىر غەيرەت نىياز، تور يازغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نىجات قاتارلىقلار شۇنداقلا تىبەتلىك فىلىم رېژىسسورى ۋە تور يازارلىرى بار. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى دۆلەتنى پارچىلاش، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.