ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا 'تازىلاش' ئېلىپ باردى

نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئۆز رايونى تەۋەسىدە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھېيت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تازىلاشتا يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرى 8 مىڭ پارچىغا يېتىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئاساسەن "قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى" غا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 6200 ئورۇن تەكشۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرى ئىچىدە 2700 پارچە "قانۇنسىز" ئۈن - سىن پلاستىنكىسى، 3400 پارچە "قانۇنسىز" كىتاب، 1800 پارچە تەشۋىقات ۋاراقلىرى بار ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاقبېشى ۋە كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدا كىتاب يايمىسى ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، خەۋەردە بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر بۇيۇملىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىغان.