بۇلتۇر 22-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيىدە يۈز بەرگەن ياشلار ھەم بالىلار بولۇپ، كۆچمەنلەردىن 77 ئادەمنىڭ قىرغىن قىلىنىشى خەلقئارادا جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، دۇنيا جامائىتى نورۋېگىيە سوتىنىڭ قاتىلغا قانداق جازا بېرىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ كەلمەكتە.
ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىملىق سوتتا ئاندېرس برېىۋىك ئۆز قىلمىشىنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭدا روھى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. نورۋېگىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت يەنە بىرقانچە قېتىم داۋاملىشىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر ئاندېرس برېىۋىكنىڭ روھى كېسەللىكى ئىسپاتلانمىسا، سوتچىلار ئۇنىڭغا 21 يىللىق قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
نورۋىگىيىدەك دېموكراتىك دۆلەتتە ھەتتا ئاندېرس برېىۋىكتەك قاتىلغىمۇ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تەرەپلىمە ھالدىكى ئادالەتسىز سوتتىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق جازا ھۆكۈملىرىدە مەھبۇسلارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىمۇ بېرىلمەستىن، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.