ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا باراك ئوباما سايلاندى

ئامېرىكىنىڭ 2008‏ - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشكە باشلىدى.

سايلام نەتىجىسى 11‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى كېچىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، باراك ئوباما چىكاگو شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ 'بۇ دېموكراتىيىنىڭ كۈچى، ئامېرىكىدا ئەمدى يېڭى ئۆزگىرىش دەۋرى يېتىپ كەلدى' دېدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا مەغلۇپ بولغان جوھن مىككېيىن ئارىزونا شىتاتىدا تۇرۇپ باراك ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

چىكاگو، نيۇيورك قاتارلىق بىر نەچچە شەھەردە ھاياجانلانغان مىڭلىغان ئادەم باراك ئوبامانى ئالقىشلىدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى قارىلار ۋە كۆچمەنلەر.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي، ئەنگىلىيە باش مىنىسىتىرى براۋن، ياپونىيە باش مىنىستىرى تارو ئاسولار ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئوباماغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەت ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا سودا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خاۋ خۇڭخاۋ 'جورج بۇشنىڭ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھوقۇقتىن قالغانلىقىغا خۇش بولدۇم' دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن ئەتىگەندە باراك ئوبامانى تەبرىكلىدى ۋە ئوباما بىلەن خانىمىنىڭ ئاق سارايغا كىرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.