ئوباما شاڭخەيدە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر - ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە سۆزلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ چەكلەنمەسلىكى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى 16 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر - ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنىڭمۇ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز سۆز - پىكىر ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئاخبارات - ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ۋە سىياسىيغا قاتنىشىش ھوقۇقى، مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ۋە مەيلى جۇڭگودا بولسۇن، ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەملەرگە ئورتاق بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز."

ئۇ يەنە، ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: "مەن ئەزەلدىن ئىنتېرنېتنى ئوچۇق قويۇۋېتىشنى كۈچلۈك قوللاپ كەلدىم. مەن ئىنتېرنېتنى چەكلىمەسلىكنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى،" دېدى. ئۇ يەنە، ئۇچۇر - ئاخبارات قانچىكى ئەركىن قويۇۋېتىلسە، جەمئىيەتنىڭ شۇنچىكى مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوباما شاڭخەيدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ پرېزىدېنت ئوبامانى كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.

ئوباما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشتى. ھالبۇكى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن قايسى تېمىلاردا سۆزلەشكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.