ئوباما ب د ت يىغىنىدا تېررورچىلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنىدىكى نۇتقىدا ' تېررورچىلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەممە ئىشىغا چات كىرىۋالدى، دەپ قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلار ئەمدى يەنە، ھەممە ئىشنى ئامېرىكا ھەل قىلىدۇ، دەپ قاراپ تۇرماسلىقى لازىم ' دەپ كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا (22 ‏- سېنتەبىر كۈنى) ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ نيۇيوركتىكى مېھمانخانىدا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، ئەركىن سودىنى يولغا قويۇشقا ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كېلىشكەندە، ئوباما، شىمالى كورىيە بىلەن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى ئامېرىكىغا قىلىنغان تەھدىت ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى خىتاي مەيدانغا چىقىپ ھەل قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ بىلەن ئوباما تۈنۈگۈن كۆرۈشكەندە، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە تىبەتكە، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئوچۇق سۆزلەشكەن. چۈنكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن، تەيۋەنگە قورال بەرمەسلىكنى، ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، بۇ بىر مىليارت 300 مىليون خىتاينىڭ ھېسياتىغا بىۋاستە تاقىلىدىغان سەزگۈر مەسىلە، دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر دالاي لاما يەنە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.