ئۆركەش دۆلەت نوبىل ساھىبلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.27
2010.10.27
نوبىل ساھىبى ليۇ شاۋبو ھازىر خىتاينىڭ تۈرمىسىدە، ليۇنىڭ ئايالى بېيجىڭدا ئۆز تۇرالغۇسىدا نەزەربەنتتە. 1991 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسەن سۇجى خانىممۇ، ھازىرغا قەدەر ياڭگۇن شەھىرىدە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا.
2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىم خىروشىمادا سۆز قىلىدىغان 42 ياشلىق ئۆركەش دۆلەت، خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 1989 - يىلىدىكى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى، ئەينى ۋاقىتتا ليۇ بىلەن ساۋاقداش، ئۇ ھازىر تەيۋەندە، خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن ئەرباب.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبىل ساھىبلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا گورباچېف، دالاي لاما قاتارلىق نوبىل ساھىبلىرى كېلىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ تەكلىپ قىلىندى.