ئۆركەش دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئالاقە چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى

ياپونىيىدە زىيارەتتىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت تۈنۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام توختى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلقئارا تېلېفون ئالاقە لىنىيىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن يولغا قويۇلغان تېلېفون ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۆركەش دۆلەت رادىئومىزنىڭ توكيودىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، لېكىن تېلېفون لىنىيىسى ئۇلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، " ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. لېكىن بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 21 ‏- ئەسىردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالاقىنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغانلىقىنى چۈشەنمىدۇق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان. لېكىن بىمەنىلىكنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك،" دېگەن.

1989 ‏- يىلىدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بۇ رەھبىرى 19 ‏- چىسلا توكيو نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ توكيوغا كېلىشتىكى پىلانى خىتايغا كېتىشنى كۈتۈپ ياتقان نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىدىكى خىتاي دىموكراتىك زات فېڭ جېڭخاۋنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا فېڭ جىڭخاۋنىڭ خىتايغا كىرىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى شاڭخەيدىن ياپونىيىگە قايتۇرۇۋەتكەن. فېڭ جىڭخاۋ 77 كۈندىن بېرى توكيو نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىدا يېتىپ - قوپۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.