ئۆركەش دۆلەت بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلسا، دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان بەزى شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆركەش دۆلەت، تيەنەنمېن ۋەقەسى باستۇرۇلۇپ چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئامېرىكىدا ياشىغان، كېيىنرەك تەيۋەنلىك بىر خىتاي قىز بىلەن توي قىلىپ، تەيۋەنگە كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئىچىدىكى ئورنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن:" مېنىڭ ئويناشقا تېگىشلىك رولۇم ئۆكتىچىلىك رولى، مەن بۇ رولنى ئوينايدىغان يەر جۇڭگو. سەرگەردانلىق ھاياتىنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇپ جۇڭگوغا قايتىش بىزنىڭ ئەڭ زور ئارزۇيۇمىز."
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆركەش دۆلەت ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى غوللۇق شەخسلىرىدىن بەزى ئەرباپلار، ئۆركەشنى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بىراق ئۆركەش بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.
ئۆركەشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنسا، تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغانلىقى، لېكىن ئۆزلىرى خىتايغا قايتقاندىن كېيىن سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئېلان قىلىش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.