پاكىستان دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوساما بىن لادېن مەسىلىسىدە پاكىستانغا ئىشەنمىگەنلىكىنى تەنقىدلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانى بۈگۈن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، «ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا ئەركىن چىقىدىغان ھوقۇقى بار دەپ قارىماسلىقى كېرەك، ئەگەر پاكىستان ئاخبارات ئورگانلىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىغان بولسا، بۇنىڭدا پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار» دەپ جاكارلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەشىرمۇ بۈگۈنكى باياناتىدا، «پاكىستان باشتىن -ئاخىر ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان ئىدى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ پاكىستانغا ئىشەنمىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن سۆزلىرى بىزنى ھازىر كۆپ بىئارام قىلدى» دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كاراچىدىن بايان قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان مۇتتاھىدە قاۋمى ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئالتاف ھۈسەييىن بۈگۈن، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى پاكىستاندا ھەرىكەت قوزغاپ ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ھەر بىر پاكىستانلىق ھازىر، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندەك بىر ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسىگە رۇخسەتسىز كىرىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، تۇتىدىغاننى تۇتۇپ چىقىپ كەتكەندەك قانۇنسىزلىق ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.