مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەت تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە قىلىچدارئوغلغى پارتىيە باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مەركىزى ئورگىنىغا تاپشۇرۇلغان.
پاتىگۈل غۇلامنىڭ قىلىچدارئوغلىغا يازغان ئوچۇق خېتى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان «شەرقى تۈركىستان»، «مائارىپ» ۋە «ئۇيسام» قاتارلىق توربەتلەردىن باشقا يەنە، تۈركچە «ۋاران ھابەر» ناملىق خەۋەر تورىدىمۇ ئېلان ئېلان قىلغان. پاتىگۈل غۇلامنىڭ خېتىدە، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.