بۇ يىل پاختا تېرىشقا كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەر ئەڭ يۇقىرى كىرىم قىلغان يىل بولدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي بىڭتۇەنى ئەمگەك ۋە مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ 27-نويابىر ئۆز تورىدا ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 25 ‏گە قەدەر بىڭتۇەنگە كەلگەن پاختا تەرگۈچى پەسىللىك ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 380 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار پاختا تېرىشتىن جەمئىي 2 مىليارد 542 مىليون سوم كىرىم قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتىشقان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.28

بۇ يىل خىتايدىن پاختا تېرىشقا كەلگەن ھەر بىر ئىشلەمچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6622 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن يەنە 10% گە يېقىن كۆتۈرۈلگەن.

يۇرتى خېنەنگە قايتىش ئالدىدا تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خېنەنلىك پاختا تەرگۈچىلەردىن جۇ لىپىڭ، گو شياۋلەن، ما جىڭجىنلار ھەر بىرى بۇ يىل بىڭتۇەندە پاختا تېرىش ئارقىلىق تاپقان كىرىمىنىڭ 15مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل بىڭتۇەنگە پاختا تېرىشقا كەلگەن خىتايلارنىڭ كېلىپ ‏-كېتىش كىراسى، تاماق ۋە ياتاق چىقىملىرىنى بىڭتۇەن تارماقلىرى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 145 قېتىم مەخسۇس پويىز ۋاگونى ئاجراتقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي پاختا تەرگۈچى پەسىللىك ئىشلەمچىلەر بۇ يىل ئەڭ يۇقىرى كىرىم قىلغان يىل بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇرلار، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرى ۋە بارلىق تەرەققىياتلارغا خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگە بولۇپ، ئەكسىچە يەرلىك خەلقنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان قۇل ئورنىدا خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە. ھەر يىلى خىتايغا «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ.

ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان مىليونغا يېقىن خىتاي ئىشلەمچىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتلىرىدا زور پەرق بولۇپ، خىتايدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە بارغان بەزى ئۇيغۇر ياشلار، خىتاي زاۋۇتلىرىدا كۈندە 10-12 سائەتلەپ ئىشلەپمۇ ئايلىق كىرىمىنىڭ ئىككى مىڭ يۈەنگە بارمايدىغانلىقىنى، زاۋۇت كاتتىلىرى ۋە خىتايلارنىڭ كەمسىتىشىگە، ھەر خىل خورلۇقلارغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ كەلمەكتە.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ شۇرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى 8 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق خىتايلارنىڭ قانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئىدى شۇنداقلا-5 ئىيۇن ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.