پىچان ناھىيىسىدە كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان زور كۆلەملىك كۆمۈرلۈك بايقالغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.27
2008.11.27
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىن بايقالغان بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ ئومۇمى كۆمۈر زاپىسى 23 مىليارد توننا بولۇپ 13 قاتلام كۆمۈر بەلۋېغى بار بولۇپ، بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ كۆمۈر تەركىبىدە گۇڭگۇرت، فوسفور ۋە كۈل مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 50 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە كۆمۈرلۈك چوڭ كۆمۈرلۈك ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى پىچان ناھىيىسىدىن بايقالغان مەزكۇر كۆۋرۈكىنىڭ كۆمۈر زاپىسى بۇ ئۆلچەمدىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئارتۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىچان ناھىيىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان تەبىي گازلىق، نېفىتلىك ۋە مەرمەر تاش كانلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ بايلىقلار بىۋاستە ھالدا گاز يۆتكەش تۇرۇبىلىرى ۋە قوش رېلىسلىق يۈك پويىزلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بىۋاستە توشۇپ كېتىلىدىغان بولغاچقا يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قىلچىمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ، تالا - تاراج قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
دىلشات رېشىت بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: "بۇ نۆۋەت تۇرپاندىن بايقالغان كۆمۈرلۈكمۇ قالايمىقان ئېچىلىش نەتىجىسىدە تۇرپاننىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان يەر ئاستى سۈيىنى ياكى كارىزلارنىڭ سۇ مەنبەسىنى بۇلغىۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا پۈتۈن تۇرپان ۋىلايىتىدىكى نەچچە مىليون خەلقنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىغا چۈشۈپ قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ" دېدى.