خىتاي بېيجىڭ شەھىرىدە پىچاق سېتىشنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.21
2009.09.21
پىچاق سېتىشنى ۋاقىتلىق چەكلەش بەلگىلىمىسى، بېيجىڭدا سودا قىلىدىغان ۋولمارت ۋە كېررىفور قاتارلىق چەتئەل شىركەتلىرىگىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈلگەن.
يەرلىك سودا ساراي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ھەتتا كۆكتات ئاقلايدىغان پىچاقلارنى سېتىشمۇ چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە 1 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا توختىتىدىكەن. بېيجىڭدا دائىرىلىرى بۇ نۆۋەتلىك خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئىدى.
بېيجىڭ ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا بېيجىڭ كوچىلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان ۋە بېيجىڭغا كىرىپ - چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
بېيجىڭدا دائىرىلىرى يەنە، بۇ نۆۋەتلىك خىتاي دۆلەت بايرىمىغا "شەرقىي تۈركىستانچىلار" دىن تەھدىت كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.